دوھادا «ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» فېستىۋالى باشلاندى

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا «2021 – يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» فېستىۋالى باشلاندى.

1597695
دوھادا «ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» فېستىۋالى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار مەدەنىيەت مىنىستىرى سالاھ بىن غانىم ئەلئەلى، قاتار مەدەنىيەت كەنتى ۋە ئىسلام سەنئەت مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسلام جۇغراپىيەسىدىن ياۋروپاغىچە تارقالغان ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كۆپلىگەن مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بارلىقىنى، لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ، دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ خالىد بىن خەلىفە بىن ئابدۇلئەزىز ئاسسانى بولسا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىسلام مىراسلىرىغا بولغان ئېتىقادىي يىلتىزلىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلۇقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دائىرىدە، ئونلارچە لايىھەنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«2021 – يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» پائالىيەتلىرى،  ئىسلامىي مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (ISESCO) بىلەن قاتار مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىدىن سىرت يەنە، دۆلەتتىكى نۇرغۇن مىنىستىرلىق ۋە ئورگانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ISESCO تەرىپىدىن، 2005-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئىسلام دۇنيا مەدەنىيەت پايتەختى» لايىھەسى دائىرىسىدە، تاللانغان پايتەختلەردە يىل بويى تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر