ئايال دېمەك ھايات دېمەك، ئاشىق دېمەك

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى «ئايال دېمەك» دېگەن ناخشا ئالبومى بىلەن تەبرىكلىدى.

1596978
ئايال دېمەك ھايات دېمەك، ئاشىق دېمەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ئايال دېمەك ھايات دېمەك، ئاشىق دېمەك. ئايال دېمەك ئەمگەك ۋە ئۈمىد دېمەك، شەرەپ ۋە غۇرۇر دېمەك. 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن» دېدى.

«ئايال دېمەك» ناخشىسى ۋە ئالبومىدا، تۈنۈگۈندىن بۈگۈنگىچە ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت ھاياتىدىكى ئورنى بىلەن، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى.

ئازادلىق ئۇرۇشىدىن 15-ئىيۇلغىچە (2016-يىلى يۈز بەرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى)، دىيارباكىر ئانىلىرىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشقىچە ئاياللارنىڭ ھېكايسى بايان قىلىنغان ئالبوم، ئازادلىق ئۇرۇشىدا ئالدىنقى سەپكە زەمبىرەك ئوقى توشىغان ئاياللارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن باشلىنىدۇ.

ئالبومدا، يېقىن-يورۇقلوىرى شېھىت بولغان، 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيانىدا تانكىلارنىڭ ئالدىنى توسقان، دىيارباكىردا ئەۋلاد نۆۋىتى تۇتقان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاياللارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بار.

ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ياسىغان گېرمانىيەنىڭ بىيو تېخنولوگىيە شىركىتى بىيونتېك (BioNTech) نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار بولغان ئالبومدا يەنە، مائارىپتىن سەنئەتكىچە، بىلىمدىن سەھىيەگىچە، تەنتەربىيەدىن يېزا ئىگىلىكىگىچە، قانۇندىن مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىككىچە بولغان ھەر ساھەگە بولغان جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاياللارنىڭ فوتوگرافلىرىغا ئورۇن بېرىلدى.

سۆزى دوكتور ھۈسەيىن بالكانجى، مۇزىكىسى يۈجەل ئارزەن تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان «ئايال دېمەك» دېگەن ناخشىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

بولمىساق بولمايدىغان ئاياللار بىز،

يۈكىمىز دۇنيانىڭ ئەڭ ئېغىر يۈكى.

تارىخ يازدۇق قوللىرىمىز بىلەن،

تۇپراقنى ۋەتەن قىلغان پەرمان بىز.

 

يارىمىز ئاشىق بىزنىڭ، يارىمىز ئانا،

ئۆمەرلەر پەتھىلەر بەردۇق جەننەتكە.

جانلار ئۆزلەم بىلەن يۈگۈردى ۋەزىپىگە،

دەرتلەرنى ساقايتقان دەرمان بىز.

 

ھايات...ھايات... ھايات دېگەن نېمە؟

ئايال دېمەك!

ئەمگەك، ئازاپ، ئۈمىد دېگەن نېمە؟

ئايال دېمەك!

 

قۇياش، باھار، شەپقەت دېگەن نېمە؟

ئەلىفكە ئوخشاش باشى تىك؛ ئىگىلمەس،

شەرەپ دېمەك!

ئەلىفكە ئوخشاش باشى تىك يىقىلماس، غۇرۇر دېمەك!

 

ھاياتقا مەنە قوشقان رەڭلەر بىز،

خۇشاللىقنى پارلىتىپ، ماتەمنى يوشۇرىمىز.

باشتا ۋەتەن، ئارقىدىن جان دەيمىز،

بايراقلارنى روھىغا يۆگىگەن بىز.

 

سەنئەت بولامتى بىز بولمىساق،

ئىلھامنى جۇشقۇنلاتقان بىز بولمىغان بولساق،

زاماننى توختاتقان كۆز بولمىغان بولساق،

چۈشلەرنى سەۋداغا ھارغۇزغان بىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر