ياپونىيەلىك مىلياردېر ئايغا چىقىشتا ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان كىشىلەرنى ئىزدىمەكتە

ياپونىيەلىك مىلياردېر مائېزاۋا يۇساكۇ تېسلا ۋە سپېيس ئېكس (SpaceX) يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى ئېلون ماسك (Elon Musk) نىڭ ئايغا چىقىش پىروگراممىسىدا ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان سەككىز كىشى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1594124
ياپونىيەلىك مىلياردېر ئايغا چىقىشتا ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان كىشىلەرنى ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 45 ياشلىق مىلياردېر مائېزاۋا يۇساكۇ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكان راكېتا ۋە ئالەم كېمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان سپېيس ئېكس ياسىغان راكېتا بىلەن 2023-يىلى ئايغا چىقىش پىروگراممىسى «سۆيۈملۈك ئاي» ساياھىتىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان سەككىز كىشىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر توغرىسىدا يۇتۇب قانىلىدىكى ۋىدېئونى كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ بارلىق ئورۇندۇقلارنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن سپېيس ئېكس ساياھىتىنىڭ ئالاھىدە سەپەر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سەككىز كىشى ئىزدەيمەن، سپېيس ئېكس ياسىغان ‹يۇلتۇز كېمىسى› ناملىق راكېتا بىلەن چىقىمىز. ئايغا چىقىش ئۈچ كۈن، قايتىش ئۈچ كۈن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ» دېدى.

ئۇ دەسلەپتە دۇنياغا تونۇلغان ناخشچى، ئۇسسۇلچى ياكى يازغۇچىغا ئوخشاش كىشىلەرنى تاللاشنى پىلانلىغانلىقىنى، بىراق «ئىجادىيلىققا ئىگە ئىش قىلغان ھەر قانداق كىشىنى سەنئەتچى دەپ ئاتاش كېرەك» دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيادىن بۇ ساياھەتكە قاتنىشىدىغان كىشىلەرنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«نېمە ئىش قىلىۋاتقان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئالەمگە بارماقچى بولسىڭىز باشقا كىشىلەرگە ۋە كەڭ جەمئىيەتكە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيسىز. مەن بۇ خىل يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بىرسىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مائېزاۋا يۇساكۇنىڭ لايىھە رامكىسىدا، تېسلا ۋە سپېيس ئېكسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئېلون ماسكقا قانچە پۇل تۆلىگەنلىكى ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر