ئەردوغان: ۋەتەننى ئالدى بىلەن تىل، ئاندىن ئارمىيە قوغدايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىگە قارشى بەرپا قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە لىنىيەمىز ئاساسلىقى تىلىمىزنى قوغداشتۇر» دېدى.

1585008
ئەردوغان: ۋەتەننى ئالدى بىلەن تىل، ئاندىن ئارمىيە قوغدايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەشتەپە مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ يۇنۇس» يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئەردوغان: «ۋەتەننى ئالدى بىلەن تىل، ئاندىن ئارمىيە قوغدايدۇ، شۇڭا بىز تۈرك تىلىمىزنى ناھايىتى مۇستەھكەم قوغدىشىمىز كېرەك... يۇنۇس ئەمرە ۋاپاتىنىڭ 700 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن <دۇنيا تىلى تۈركچە> دېگەن نامدا سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

«بىزنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىگە قارشى بەرپا قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە لىنىيەمىز ئاساسلىقى تىلىمىزنى قوغداشتۇر» دېگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تىلىمىز زەئىپلىشىدىغانلا بولسا، سىياسىي چېگرالىرىمىزنىڭمۇ، ئورتاق كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭمۇ خەرىتىلەردىكى سىزىقتىنلا ئىبارەت بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يۇنۇس ئەمرە 13- ئەسىردە ئانادولۇدا ياشاپ ئۆتكەن تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى خەلق شائىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر