تىكا سۇداندا ياشلارنىڭ كەسىپ ئىگىسى بولۇشىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئىئانىسىگە ئېرىشكەن سۇدان ياشلىرى، كەسىپ ئىگىسى بولۇپ، مۇستەقىل تۇرۇمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.

1585343
تىكا سۇداندا ياشلارنىڭ كەسىپ ئىگىسى بولۇشىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا «خارتۇمدا كوچىدا ياشايدىغان ياشلارنى كەسىپ ئىگىسى قىلىش لايىھەسى» رامكىسىدا، «بىت مەكەلى جەمئىيىتى» تەربىيەلەۋاتقان ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلغان 105 ياشقا، 2020-يىلى 25-ئۆكتەبىر  كەپشەرلەش ماشىنىسى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، سۇ سايمانلىرى، ئاپتوموبىل چاقى رېمونت قىلىدىغان سايمانلار ۋە ساتىراشلىق ماتېرىياللىرى ئىئانە قىلدى.

بەزى ياشلار  لايىھە بىلەن ئۆزلىرى ئىگىلىك تىكلىدى، بەزى ياشلار شىركەتلەردە ئىشلەپ كەسپىدە مۇتەخەسىسلەشتى.

بىت مەكەلى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لۇبنا ئەلى مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تىكا بىلەن ئىجرا قىلغان ئورتاق لايىھەنىڭ نەتىجىلىرىنى بايان قىلىشتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يىللاردىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان ۋە ئۆيسىز كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدۇق. تىكانىڭ قوللىشى بىلەن ئەمەلىيلەشكەن بۇ لايىھە، داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پاناھلىنىش تۈرلىرى بولغان ۋە بارلىق تەرەپلىرى بىلەن خەلقئارالىق لايىھە بولدى. لايىھەنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا، ئىنشائاللاھ بۇ ياشلارنىڭ ئۆيلىنىشىگە ياردەم قىلىمىز. قىزلارغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى لايھەمىزدە، تىكا بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. قىلغان ياردەملىرى سەۋەبىدىن تىكادىن مىننەتدارمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر