ئافرىندا ئانادولۇ مەدەنىيەت مەركىزى ئېچىلدى

بۇلبۇلزادە فوندى جەمئىيىتى بىلەن چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى — YTB ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئافرىن ناھىيەسىدە ئانادولۇ مەدەنىيەت مەركىزى ئاچتى.

1573397
ئافرىندا ئانادولۇ مەدەنىيەت مەركىزى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق (2018 – يىلى يانۋار – مارت ئايلىرى ئارىلىقىدا) تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئافرىندىكى ئانادولۇ مەدەنىيەت مەركىزىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇلبۇلزادە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇرگاي ئەلدەمىر، YTB ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە رايوننىڭ پىشقەدەملىرى ئېچىلىشقا قاتناشتى.

خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئانادولۇ مەدەنىيەت مەركىزىدە مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، تىل، ھۆسنخەت، مۇزىكا ۋە كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ.

ئافرىن ئانادولۇ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى مەلىھ ئاي بۇ يەردە 300 دەك ئوقۇغۇچىنىڭ تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خاتىرجەملىك بەرپا قىلىنغان رايونلاردا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 2020- يىلى 17- سېنتەبىردە ئازەزدىمۇ بىر مەدەنىيەت مەركىزى ئېچىلدى.» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر