كانادا 29-يانۋارنى دۆلەت خاتىرىلەش كۈنى ئېلان قىلدى

كانادا 2017-يىلى كۇبېك (Quebec) شەھىرىدە يۈز بەرگەن جامە ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ھايات قالغانلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 29-يانۋار كۈنىنى دۆلەت خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1573426
كانادا 29-يانۋارنى دۆلەت خاتىرىلەش كۈنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا مەدەنىيەت مىنىستىرى ستېۋېن گۇيلبېيۇت (Steven Guilbeault) 29-يانۋار كۈننىڭ دۆلەت خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، بۇ كۈننىڭ رەسمىي رەسمىي نامىنىڭ «كۇبېك شەھىرى جامە ھۇجۇمى ۋە ئىسلام قورقۇنچىغا قارشى ھەرىكەت دۆلەت خاتىرىلەش كۈنى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ دۆلەت خاتىرىلەش كۈنىدىن ئىسلام قورقۇنچىغا قارشى كۈرەشنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسلام قورقۇنچى، نەپرەت، ئاشقۇنلىشىش ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلىش، مەزكۇر قورقۇنچلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى. ئىسلام قورقۇنچى ھەر يەردىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۈچۈن كونكرېت ۋە كۈنلۈك ھەقىقەت ھېسابلىنىدۇ. قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش، ھەر خىل ئايرىمىچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ھەممىنى قۇچاقلايدىغان كانادا بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېدى.

2107-يىلى  كۇبېك شەھىرىدىكى كۇبېك ئىسلامىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ جامەسىگە ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئالېكسانجېرى  بىسسونېت (Alexandre Bissonnette) خۇپتەن نامىزى ئوقۇۋاتقان جامائەتنى ئوققا تۇتۇپ، ئالتە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، بەش كىشىنى يارىدار قىلغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن تۇتۇلغان ھۇجۇمچى جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلغان ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر