يۇقۇملانغان ئانا تۇغقان بوۋاقتا ئانتىتېلا بايقالدى

بۇلغارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئانا تۇغقان بوۋاقتا ئانتىتېلانىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

1567176
يۇقۇملانغان ئانا تۇغقان بوۋاقتا ئانتىتېلا بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 5-يانۋار (2021) بۇلغارىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان پازارجىك شەھىرىدە 28 ياشلىق ئانا يوردانكا براندىيىسكا (Yordanka Brandiyiska) ئوپېراتسىيە ئارقىلىق 2.750 كىلوگىرام ئېغىرلىقتا بىر بوۋاق تۇغقان.

 دوختۇرلار ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردا بوۋاقنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىتېلا پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان.

 ئانا يوردانكا براندىيىسكانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ يەتتە ئاي بولغاندا بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.

ۋىرۇسنىڭ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقانلىقىنى بايان قىلغان براندىيىسكا، بوۋاقنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئانتىتېلا پەيدا قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر