دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىر بېمارغا قول ۋە مۈرە كۆچۈرۈلدى

فىرانسىيەنىڭ لېئون شەھىرىدىكى ئېدۋارد خېررىيوت (Edouard-Herriot) دوختۇرخانىسىدا 13-يانۋار (2021) ئىسلاندىيەلىك بىر بېمارغا، ئىككى قول ۋە ئىككى مۈرە بىرلا ۋاقىتتا كۆچۈرۈلدى.

1565952
دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىر بېمارغا قول ۋە مۈرە كۆچۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ لېئون شەھىرىدىكى ئېدۋارد خېررىيوت (Edouard-Herriot) دوختۇرخانىسىدا 13-يانۋار (2021) ئىسلاندىيەلىك بىر بېمارغا، ئىككى قول ۋە ئىككى مۈرە بىرلا ۋاقىتتا كۆچۈرۈلدى. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئوپېراتسىيە تەخمىنەن 15 سائەت داۋاملاشتى.

48 ياشلىق بېمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر بېمارنى 26 يېشىدا توك سوقۇۋەتكەن بولۇپ، ئىككى قولى كىسىۋېتىلگەن ئىدى.

دۇنيادا بۇنىڭدىن بۇرۇن قول كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بولسىمۇ، قول بىلەن مۈرىنى تەڭ كۆچۈرۈپ ئوپېراتسىيە قىلىش، بىرىنچى قېتىم لېئوندا ئەمەلگە ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر