ئامېرىكا ئالىملىرى يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانېتا بايقىدى

ئامېرىكا ئالىملىرى بۇندىن 10 مىليارد يىل بۇرۇن شەكىللەنگەن يۇلتۇز سىستېمىسى ئىچىدە قىيالىقلىرى بولغان بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى» پىلانېتا بايقىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1562654
ئامېرىكا ئالىملىرى يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانېتا بايقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالىملىرى بۇندىن 10 مىليارد يىل بۇرۇن شەكىللەنگەن يۇلتۇز سىستېمىسى ئىچىدە قىيالىقلىرى بولغان بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى» پىلانېتا بايقىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئالىملار سامانيولى سىستېمىسىدىن بىر قانچە مىليارد يىل كېيىن شەكىللەنگەن يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان پىلانېتادا، ھاياتلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر ئالامەتنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بۇنىڭغا ئوخشاش پىلانېتالارنىڭ ئۆتمۈشىدە، ھاياتلىق بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاۋاي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى لورېن ۋايس (Lauren Weiss) ئامېرىكا ئاسترونومىيە جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا: «بىزنىڭ يەر شارىمىز تەخمىنەن 5 مىليارد يىلدىن بۇيان بار. 10 مىليارد يىلدىن بۇيان ئەتراپىدا قىيالىق بولغان بىر پىلانېتادا نېمىلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭلار. مەن چوقۇم بىلىشنى خالايتتىم» دېدى.

ئۇ بىلىم دۇنياسىدا ھاياجان پەيدا قىلغان پىلانېتانىڭ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان يۇلتۇزغا قارايدىغان قىسمىدا ماگما ئوكيانىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ ئوربىتاسىدا يەنە ئىككى كىچىك پىلانېتانىڭ بار بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«TOI-561 b» دەپ نام بېرىلگەن پىلانېتانىڭ يەر شارىدىن ئىككى ھەسسە چوڭلۇقى ۋە ئوربېتاسىدا ئايلىنىدىغان يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدىكى ئايلىنىشىنى يەر شارىدىكى بىر كۈندىن ئاز بولغان ۋقىتتا تاماملايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر