«5A-تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيەنىڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھى «5A-تۈركسات» ئەنقەرە ۋاقتى 05:15 ئۆتكەندە ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېيپ كاناۋېرال بازىسى (Cape Canaveral) دا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

1559807
«5A-تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھى بولغان «5A-تۈركسات»، سپېيس ئېكس (Space X) شىركىتىنىڭ 9-فالكون راكېتاسى بىلەن ئالەمگە ئەۋەتىلدى. ئەنقەرە ۋاقتى 4 تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىش، ھاۋارايى سەۋەبىدىن تەخمىنەن بىر سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ، 5 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئەمەلگە ئاشتى.

تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ تۈركساتنىڭ ئەنقەرە گۆلبېشىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۆزىنىڭ ئوربىتاسىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «35 مىنۇت ئۆتكەندە 5A-تۈركسات سۈنئىي ھەمراھىدىن تۇنجى سىگنال كەلدى. سۈنئىي ھەمراھ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ سەپەر تۆت ئاي داۋاملىشىدۇ، ئاندىن سىناق قىلىشنى باشلايمىز ۋە سۈنئىي ھەمراھ ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ» دېدى.

ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن، 5B ۋە6A  سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر ياسىلىشى ئاخىرلاشقان ۋە سىناقلىرى قىلىنغان 5B سۈنئىي ھەمراھىنى ئىيۇن ئېيدا قويۇپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەرلىك ۋە مىللىي «6A –تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھىنى ياساش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلقىنى ۋە 2022-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا قويۇپ بېرىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ قولغا كەلگەن تەرەققىياتلارنىڭ داۋامىدا، ئالەمگە ئادەم چىقىرىش پىلانىدىن بېشارەت بېرىپ، يېڭى ئەۋلادلارنىڭ بۇنىڭغا تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇلارنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«5A-تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتاسىدىكى چاستوتا ۋە ئوربىتا ھەق-ھوقۇقلىرىنى 30 يىللىق كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 31 گرادۇس شەرقىي ئوربىتادا تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا غەربىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاقدېڭىز، ئەگە دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ جۇغراپىيەدە، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش ۋە خەۋەرلىشىش خىزمىتىنى بېرىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتاسىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن تۆت ئاي سەپەر قىلىپ، بۇ يىل (2021) نىڭ ئىككىنچى چارىكىدە خىزمىتىنى باشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر