گراممېي مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى كېچىكتۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇزىكا دۇنياسىنىڭ «ئوسكارى» دەپ ئاتىلىدىغان 63- نۆۋەتلىك گراممېي مۇكاپاتلىرىنى ئېلان قىلىش پىروگراممىسى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى.

1558570
گراممېي مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «روللىڭ ستون» ناملىق ناخشا - مۇزىكا تورى، 31- يانۋاردا كالىفورنىيەنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ كوۋىد -19 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى رەسمىي باياناتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان Recording Academy ئىسىملىك ئورگاننىڭ مەسئۇلى خارۋېي ماسون نويابىر ئېيىدىكى نامزاتلارنىڭ ئىسىملىرى ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئاز ساندا تاماشىبىن قاتنىشىدىغان بىر پائالىيەتنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما باشقا تەپسىلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى ھەر خىل خەۋەرلەردە مۇكاپاتلاش كېچىلىكىنىڭ مارتتا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

63- نۆۋەتلىك گراممېي مۇكاپاتىغا توققۇز تۈردە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئامېرىكالىق مودا چولپىنى بېئونسې، گراممېي تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئايال سەنئەتكارغا ئايلاندى.

بېئونسېدىن قالسا تايلور سۋىفت، روددى رىچ ۋە دۇ لىپا قاتارلىقلار ئالتە تۈردە نامزاتلىققا ئېرىشتى.

2020- يىلى يۇقۇم سەۋەبىدىن MTV سىن مۇزىكا مۇكاپاتلىرى، لاتىن گراممېيلىرى ۋە ئېممىي مۇكاپاتلرى قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرى توردا ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ناھايىتى ئاز ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇراسىم زاللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر