سۇ ھايۋانلىرىغىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش ئېھتىمالى بار

دېڭىز-ئوكياندا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا سۇ ئارقىلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ يۇقىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

1526686
سۇ ھايۋانلىرىغىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش ئېھتىمالى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» (The Daily Mail) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، كانادا «Halifax Dalhousie»  ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا، كىت، دېلفىن (يۇنۇس بېلىقى) ۋە دېڭىز شىرى قاتارلىق سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بارغان.

تەتقىقاتتا، سۇدا ياشايدىغان 36 سۈت ئەمگۈچى ھايۋىنىنىڭ گېنلىرى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن كەم دېگەندە 15 ىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى خەۋىپىگە دۇچ كەلگەنلىكى بايقالغان.

ئالىملار دېڭىز-ئوكيان سۈت ئەمگۈچىلەردىكى «ئانگىيوتىنسىننى ئايلاندۇرۇش ئېنزىم 2» (ACE2) دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ، يۇقۇمغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالىملار سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ پاسكىنا سۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ خالىفاكىس دالخۇسيې ئۇنىۋېرسىتېتى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى گراخام دېللېيېر (Graham Dellaire) مۇنداق دېدى:

«سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىلگىرى ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان، جىگەر ۋە ئۆپكە زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوخشىمىغان تىپتىكى تاجىسىمىغان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان.»

 بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ئومۇمىي مۇھىت ئىلمى» (Total Environment) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر