ئۆكتەبىر ئېيى بويىچە مارسنى يەر شارىدىن كۆرگىلى بولىدۇ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى- ناسا (NASA) ئۆكتەبىر ئېيى بويىچە مارسنىڭ يەر شارىغا ئەڭ يېقىن نۇقتىغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېچىلىرى يەر شارىدىن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1504013
ئۆكتەبىر ئېيى بويىچە مارسنى يەر شارىدىن كۆرگىلى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى- ناسا (NASA) ئۆكتەبىر ئېيى بويىچە مارسنىڭ يەر شارىغا ئەڭ يېقىن نۇقتىغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېچىلىرى يەر شارىدىن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ناسا 15 يىلدا بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئالەم ھادىسىلىرىدە، مارسنىڭ تولۇنئاي بىلەن ئالمىشىپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

قىزىل پىلانېتا ئۆكتەبىر ئېيى بويىچە كېچىلىرى كۆرۈنىدۇ ۋە ھەر يېرىم كېچە ئەتراپىدا ئاسماندا ئەڭ ئېگىز نۇقتىدا بولىدۇ.

ناسانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مارس ھەر كېچە شەرقتە ۋە تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن غەربتە كۆرۈنىدۇ. 6-ئۆكتەبىر يەر شارىغا ئەڭ يېقىن نۇقتىغا كېلىدۇ. مارس 2003-يىلى يەر شارىغا مۇشۇنداق يېقىنلاشقان ئىدى.

مارس 2035-يىلى يەر شارىغا يەنە بىر قېتىم يېقىنلىشىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر