2020-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى تارقىتىلدى

نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئەنگلىيەلىك ماتېماتىك ۋە ئىلىم-پەن پەيلاسوپى روگېر پېنروس (Roger Penrose)، گېرمانىيەلىك ئاسترونوم رېينخارد گېنزېل (Reinhard Genzel) ۋە ئامېرىكالىق ئاسترونوم ئاندرىيا گېز (Andrea Ghez) غا بېرىلدى.

1504024
2020-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوبېل كومىتېتى فىزىكا ساھەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالىملارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى.   

روگېر پېنروس، رېينخارد گېنزېل ۋە ئاندىرىيا گېز تەتقىقاتلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

روگېر پېنروس قارا ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئالدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن، 2020-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ يېرىمىغا ئېرىشتى. قالغان يېرىمى كائىناتنىڭ مەركىزىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى جىسىمنى بىرلىكتە بايقىغان رېينخارد گېنزېل ۋە ئاندىرىيا گېزغا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر