يەر شارىغا ئوخشايدىغان پىلانېتا بايقالدى
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) يەر شارىدىن 300 نۇر يىلى يىراقلىقتا ھازىرغىچە يەر شارىغا ئىنتايىن ئوخشايدىغان بىر پىلانېتانىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1412109
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا 300 نۇر يىلى يىراقلىقتا يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانېتانىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ناسانىڭ بۇ ھەقتىكى بايانتىغا ئاساسلانغاندا، بايقالغان يېڭى پىلانېتاغا «c1649-كېپلېر» دەپ نام بېرىلگەن. پىلانېتا كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى تەرىپىدىن بايقالغان.
يېڭى پىلانېتانىڭ ئالەمدە يەر شارىغا ئىنتايىن ئوخشايدىغانلىقى ۋە ئوخشاش ھاۋا تېمپېراتۇراسىغا ئىگە ئىكەن.
چوڭلۇقى يەر شارىدىن 1.06 ھەسسە چوڭ بولغان «c1649-كېپلېر»، يەر شارى قۇياشتىن قوبۇل قىلدىغان نۇرنىڭ %75 نى قوبۇل قىلىدىكەن. شاخشاشخ