ناسا ئالەمگە ئەۋەتىلىدىغان ماشىنىغا ئىسىم قويدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسا (NASA) مارسقا ئەۋەتىلىدىغان ئالەم ماشىنىسىغا «ئىرادە» (Perseverance) دەپ ئىسىم قويدى.

1373563
ناسا ئالەمگە ئەۋەتىلىدىغان ماشىنىغا ئىسىم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا قىزىل پىلانېتا مارسقا ئەۋەتىلىدىغان ئالەم ماشىنىسىغا بېرىلىدىغان ئىسىمنىڭ «ئىرادە» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ناسانىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «2020-مارس» ئالەم ماشىنىسىنىڭ ئىسمىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان ئىشتاتلىرىدىن خەت ئەۋەتكەنلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، «ئىرادە» ئىسمىنى تەكلىپ قىلغان ۋىرجىنىيە (Virginia) دە تۇرۇشلۇق 11 ياشلىق ئالېكساندېر ماسىېرنىڭ (Alexander Mather) ئۇتۇق قازانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ماسېرنىڭ 2020-يىلى ئىيۇل ئېيىدا فلورىدادىكى كېيىپ كاناۋرال (Cape Canaveral) ئالەم بازىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئالەم ماشىنىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

2020-يىلى 17-ئىيۇل قويۇپ بېرىلىدىغان ئالەم ماشىنىسى مارسقا 2021-يىلى 18-مارت قونىدىكەن.

ناسانىڭ 2020-يىللىق مارس تەتقىقات نىشانىدا، ئاسترونومىيەلىك ۋە گېئولوگىيەلىك باسقۇچلىرى بار.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر