مەرسىندە دۇنيا مۈشۈكلەر كۈنى تەبرىكلەندى
مەرسىن خەلقى كوچا مۈشۈكلىرى يېتىپ قوپىدىغان، يېمەكلىك يىيەلەيدىغان ۋە ئويۇن ئوينىيالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن مىياۋ باغچىسىنى، «دۇنيا مۈشۈكلەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەت قىلدى.
1361216
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەرسىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 2017-يىلى ئېچىلغان مىياۋ باغچىسى، ئويۇن ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇخلاش ئۆيلىرى بىلەن، مۈشۈكلەر ئۈچۈن ئېيتقدا، بىخەتەر ھەمدە ناھايىتى راھەت.
باغچىدىكى ئالاھىدە قىلىپ لايىھەلەنگەن ئەسلىھەلەردىكى ئوماق ھالى بىلەن دىققەت قوزغىغان مۈشۈكلەر، دۇنيا مۈشۈكلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن كىشىلەرنى كۈتۈۋالدى. باغچىغا كەلگەن كىشىلەر مۈشۈكلەرگە يېمەكلىك بەردى.
خېلى ئۇزۇنغىچە مۈشۈكلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەن زىيارەتچىلەر، تارتقان فوتوگرافلىرى بىلەن دۇنيا مۈشۈكلەر كۈنىنى تەبرىكلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى... دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنىنى تەبرىكلەيمىز.