ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالامسىز؟

«نىيۇ ئېنگلەند» (New England) تىببىي ژۇرنىلى بىر تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، روزا تۇتۇشنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1330387
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالامسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالىملىرى بىر كۈندە 16 سائەتتىن 18 سائەتكىچە يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇشنىڭ ياكى بەلگىلىك ۋاقىتلاردا روزا تۇتۇشنىڭ ئۆمۈر ئۇزارتىدىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بايقىدى.

«نىيۇ ئېنگلەند» تىببىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر كۈندە 8-6 سائەت ئىچىدە ئوزۇقلىنىپ، 18-16 سائەت يېمەكلىكتىن يىراق تۇرۇشنىڭ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ماقالىدە، روزا تۇتۇشنىڭ، سېمىزلىك، دىيابېت (شېكەر كېسىلى) ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنىڭ بىر خىل مېتودى سۈپىتىدە تونۇشتۇرش مۇمكىنچىلىكى تەكىتلىنىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن «كۈنلۈك چەكلىك ئوزۇقلىنىش» ۋە «ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتۇش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل مېتود ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كىشىلەر ۋە ھايۋانلاردا قىلىنغان تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغان تەتقىقات ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، بەلگىلىك ۋاقىتلاردا روزا تۇتۇشنىڭ مېتابولىزمدا يېڭىلىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھۈجەيرە ساغلاملىقىغا مۇسبەت تەسىر قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، روزا تۇتقاندا، ئىنسۇلىن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دىيابېتنى ياخشىلايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر