رۇسىيەدە «تۈركىيە ئۇچرىشىشلىرى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيەنىڭن پايتەختى موسكۋادا «تۈركىيە ئۇچرىشىشلىرى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

1292498
رۇسىيەدە «تۈركىيە ئۇچرىشىشلىرى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى بىلەن رۇسىيە خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «تۈركىيە ئۇچرىشىشلىرى» ناملىق پائالىيەتكە كۆپ ساندا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيە تونۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ رۇسىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

«تۈركىيەنىڭ گۈزللىكلىرى» ناملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىمۇ ئورۇن ئالغان پائالىيەتتە، ئىشتىراكچىلارغا تۈرك تائاملىرى ئىكرام قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر