دۇنياغا داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى ئۆلدى
ئامېرىكىلىق دۇنياغا داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى تىم كونۋاي بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
1201778
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونۋاينىڭ يېتەكچىسى ھوۋارد براگمان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 85 ياشلىق كومېدىيە ئارتىسى تىم كونۋاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كېسەل ئىكەنلىكىنى، تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە لوس ئانژېلېستىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
«‹ CBS › تېلېۋىزىيە قانىلى» دا 1967 – يىلدىن 1978 – يىلغىچە ئېلان قىلىنغان « The Carol Burnett Show » ناملىق پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغان كونۋاي، ئۇدا 4 قېتىم « Emmy مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەنىدى.