بېلگرادتا «3ت-ترىئو» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى «3ت-ترىئو (3T-Trio)؛ تۈرك تىلى، تۈرك كۈلتۈرى ۋە تۈرك تائاملىرى» تېمىسى ئاستىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

1157838
بېلگرادتا «3ت-ترىئو» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «3ت-ترىئو» پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە تۈركىيە ۋە سېربىيەدىكى توي ئەنئەنىلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

تۈركىيەنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  تانجۇ بىلگىچمۇ ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتكە قاتناشقانلار، ئىككى دۆلەتنىڭ توي ئەنئەنىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى.

توي ئەنئەنىلىرى توغرىسىدىكى قىسقا فىلىمدە، تۈركىيە ۋە سېربىيەدىكى تويلاردا خېنە يېقىش كېچىسى ۋە كېلىنگە قىزىل لېنتا باغلاشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى يەنە، تۈرك تائاملىرىدىن پولۇ ۋە تاتلىق تۈرۈملەرگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر