بەزى پىلانېتالاردا يەر شارىدىكىدىن كۆپ سۇ بارلىقى ئېنىقلاندى
ئالىملار يېڭى بايقالغان «1-چەپپىست» (TRAPPIST-1) يۇلتۇزى سىستېمىسىدىكى يەتتە پىلانېتانىڭ ئەگرى قىيالىقلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بەزىلىرىدە يەر شارىدىكىدىن كۆپ سۇ بارلىقىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
1044253
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Space.com» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىۋېيتسارىيەنىڭ بېرن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالەم تەتقىقاتچىسى سىمون گرىم باشچىلىق قىلغان گۇرۇپپىدىكى ئالىملار، تۇنجى قېتىم 2016-يىلى بايقالغان «1-چەپپىست» سىستېمىسىدىكى پىلانېتالارنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، «1-چەپپىست» سىستېمىسىدىكى يەتتە پىلانېتانىڭ كۆپىرەك ئەگرى قىيالىقلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بەزى پىلانېتالاردا يەر شارىدىن 250 ھەسسە كۆپ سۇ بار ئىكەن.