يۇپىتېر ئوقىدا 12 يېڭى ھەمراھ بايقالدى

ئالەم ئىشلىرى تەتقىق قىلىنىدىغان " Space.com" تور بېتىدە يۇپىتېر ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.

1014442
يۇپىتېر ئوقىدا 12 يېڭى ھەمراھ بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  " Space.com" تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاسترونوملار ئامېرىكانىڭ كارنېگى بىلىم ئىنىستىتۇتىدا قۇياش سىستېمىسىنىڭ 9-پىلانېتاسىنى تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى جەريانىدا، يۇپىتېر ئوقىدا 12 يېڭى ھەمراھنى بايقىغان.

ئالىملار تەتقىقات ئۈچۈن چىلى، ھاۋاي ۋە ئارىزونادىكى ئالەم تېلېسكوپلىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىقى بىلىنمىگەن بىر توپ ھەمراھ پىلانېتالارنى بايقىغان. بۇ ھەمراھ پىلانېتالارنىڭ ئىچىدە توققۇزىنىڭ ئايلىنىش يۆلۈنۈشى يەر شارىغا تەتۈر، ئۈچىنىڭ بولسا يەر شارى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر