مارستا زور بايقاش قولغا كەلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسا (NASA) مارسنىڭ گېيىل كرېيتېرى (Gale Krateri) كۆلىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردە ئورگانىك ماددىلارنى بايقىدى.

988783
مارستا زور بايقاش قولغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا ئالىملىرى مارستا 2012-يىلدىن تارتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان "قىزىقىش" ماشىنا ئادىمى گېيىل كرېيتېرى كۆلىنىڭ ئاستىدىن ئەۋرىشكە ئالغان تەخمىنەن 3.5 مىليارد يىللىق قىيالىقتا ئورگانىك ماددىلار بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالىملار مارستىكى ئورگانىك ماددىلارنى، قەدىمكى ھاياتلىقنىڭ ئىسپاتى، ھاياتلىق ئۈچۈن ئوزۇقلۇق مەنبەسى ياكى ھاياتلىقنىڭ ئورنىدا مەۋجۇت بولغان باشقا شەيئى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ناسانىڭ كالىفورنىيەدىكى "Jet İtki" تەجرىبىخانىسىنىڭ خادىمى ئاشۋىن ۋاساۋادا: "ئەگەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ھاياتلىق بار بولغان بولسا، كېلەچەكتىكى نىشاندا بۇرۇنقى ھاياتلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى تېپىش پۇرسىتى كۆپەيدى، دېگەنلىك بولىدۇ" دېدى.

"قىزىقىش" مارس ئاتموسفېراسىدىكى پەسىللىك مېتاننىڭ كۆپىيىشىنى ئۆلچىگەن بولۇپ، ئالىملار بىئولوگىيەلىك مەنبەنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئالىملار مارستا بىر چاغلاردا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ بارلىقى، ھەتتا ھازىرمۇ بار بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئەقىلگە كەلتۈرىدىغان يېڭى بايقاشلارنى، ئۆتمۈشتە ياكى ھازىرمۇ ھاياتلىقنىڭ ئىسپاتى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر