مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قىممىتى ئاشتى

مىكروسوفت شىركىتى گوگۇلنىڭ باش شىركىتى ئالفابېت (Alphabet) نى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيادىكى خەلققە ئېچىۋېتىلگەن ئەڭ قىممەتلىك ئۈچىنچى شىركەت بولدى.

982378
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قىممىتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىكروسوفتنىڭ ھەر بىر پاي چەكلىرى سەيشەنبە (29-ماي) كۈنىنى نىيۇ يورك پاي چېكى بازىرىدا %0.4 چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 753 مىليارد دوللار سەۋىيەسىدە بولدى. گوگۇلنىڭ باش شىركىتى ئالفابېتنىڭ پاي چەكلىرى سەيشەنبە كۈنىنى %1.5 چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 739 مىليارد دوللار بولدى.

مىكروسوفت بۇ نەتىجە بىلەن ئالفابېتنىڭ بازار قىممىتىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئۈچىنچى شىركەت بولدى.

گوگۇلنىڭ بازار قىممىتى مىكروسوفتنى 2012-يىلى تۇنجى قېتىم ئارقىدا قالدۇرغان ئىدى. 2015-يىلى ئالفابېت گوگۇلنىڭ باش شىركىتى بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان شىركەتنىڭ بازار قىممىتى مىكروسوفتنىڭ ئالدىدا ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى بىر يىلدا مىكروسوفتنىڭ پاي چەكلىرى %41.2 ئۆرلىدى، ئالفابېتنىڭ بولسا پەقەت 14.5% ئۆرلىدى. ئامازون شىركىتى سەيشەنبە كۈنىدىن تارتىپ، 782.6 مىليارد دوللار بىلەن دۇنيادا بازار قىممىتى ئىككىنچى شىركەت بولدى. ئالما (Apple) شىركىتى 923.5 مىليارد دوللار بىلەن بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بىرىنچى شىركەت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر