تېسلا مارسقا توك ئاپتوموبىل ئەۋەتتى

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ۋاستىلىرى ۋە راكېتا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى سپېيس ئېكس (SpaceX) دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك فالكون خېۋى (Falcon Heavy) نى ئالەمگە قويۇپ بەردى.

905192
تېسلا مارسقا توك ئاپتوموبىل ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېسلا (Tesla) شىركىتىنىڭ باشلىقى ۋە سپېيس ئېكسنىڭ قۇرغۇچىسى مىلياردېر كارخانىچى ئېلون مۇسكنىڭ راكېتاسى، فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدىي ئالەم مەركىزىدىن بىخەتەر ھالدا قويۇپ بېرىلدى. خېۋى فالكون راكېتاسىنىڭ ئىچىگە تېسلا شىركىتى ياسىغان تەنتەربىيە توك ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئاپتوموبىل ئورۇندۇقىغا ئاسترونوملارنىڭ كىيمى كىيدۈرۈلگەن مودېل قويۇلدى. فالكون خېۋى مارسقا قاراپ ئىلگىرىلىدى. قويۇپ بېرىلىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كاپسۇلدىن ئايرىلغان ئىككى راكېتا يەرشارىغا قايتىپ كەلدى. ئۈچىنچى راكېتا بولسا، ئاتلانتىك ئوكيان تەۋەلىكىگە چۈشىدۇ. يەرشارىغا قايتىپ كەلگەن بۇ راكېتالارنى قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

خېۋى فالكون راكېتاسى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسا (NASA) بۇندىن 45 يىل بۇرۇن ئايغا ئەۋەتكەن تۇنجى ئادەم چۈشكەن راكېتادىن كېيىن، خۇسۇسىي بىر شىركەت تەرىپىدىن ئالەمگە قويۇپ بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك راكېتا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سپېيس ئېكس راكېتاسىنىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانىنى كۆرۈش ئۈچۈن رايونغا سەل بولۇپ ئاقتى، مىليونلارچە ئادەم راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئارقىلىق كۆردى.

كاپسۇلنىڭ قۇياش ئوربىتاسىدا يۈزلەچە يىل، ھەتتا مىليونلارچە يىل ئايلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر