بولىيۋۇدنىڭ مەشھۇر ئارتىسلىرى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى

ھىندىستانلىق داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى ئامىرخان، سەلمانخان ۋە شاھ رۇخخانلار ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈرۈشنى رەت قىلدى.

894349
بولىيۋۇدنىڭ مەشھۇر ئارتىسلىرى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە ئىشقا ئاشۇرغان ھىندىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئارقىلىق ھىندىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان نېتانياھۇ، پايتەخت يېڭى دېھلى (دېلھى) دا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندا مودى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغانىدى.

نېتانياھۇغا بېغىشلاپ ھىندىستانلىق چولپانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا بولىيۋۇد ئولتۇرۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستانلىق دۇنياغا مەشھۇر كىنو ئارتىسلىرى ئامىرخان، سەلمانخان ۋە شاھ رۇخخانلار، پەلەستىن خەلقى دۇچ كەلگەن زۇلۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەزكۇر زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىشنى ۋە ئۇ يەردە نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان.

ئارتىسلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر