توققۇز ياشلىق بالا ناساغا ئىلتىماس سۇندى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) غا توققۇز ياشلىق بىر كىچىك بالا «قوغدىغۇچى مەمۇرىي خادىمى» بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.

785182
توققۇز ياشلىق بالا ناساغا ئىلتىماس سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا يەر شارىنى تاشقى پىلانېتالاردىن كەلگەنلەردىن قوغدايدىغان «قوغداش مەمۇرىي خادىمى» لازىملىقى توغرىسىدا ئېلان تارقاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، توققۇز ياشلىق جېك دېيۋىس ناسانىڭ «قوغداش مەمۇرىي خادىمى» بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان. نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىدا ياشايدىغان جېك دېيۋىس ناساغا سۇنغان ئىلتىماسىدا، تەجرىبىسى بولمىسىمۇ بارلىق تاشقى پىلانېتالىقلار ھەققىدىكى فىلىملەرنى كۆرگەنلىكىنى، شۇڭا قېرىندىشىنىڭ ئۇنى «تاشقى پىلانېتالىق» دېگەن لەقەم بىلەن ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ناسا مەسئۇللىرى جېك دېيۋىسنىڭ ئىلتىماسىغا: «كەلگۈسىدە سېنى ناسادا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر