«ئۈرۈمچى-قەشقەر خاتىرىلىرى» ناملىق تەتقىقات تېمىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئەكرەم ئارىكئوغلۇ تۈركىيەنىڭ كىرىكلارەلى ئۇنىۋېرستېتىدا «ئۈرۈمچى-قەشقەر خاتىرىلىرى» ناملىق تەتقىقات تېمىسىنى ئاكادېمىكلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

700922
«ئۈرۈمچى-قەشقەر خاتىرىلىرى» ناملىق تەتقىقات تېمىسى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىكلارەلى ئۇنىۋېرستېتى پەن-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى چاغداش تۈرك لەھچىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى «يېڭى ئۆزگىرىشلەر سايىسىدە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسى ئاستىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

27-مارت تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «مىللىيەت گېزىتى» نىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «يېڭى ئۆزگىرىشلەر سايىسىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن كىرىكلارەلى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا، غازى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسوت دوكتور ئەكرەم ئارىكئوغلۇ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ ماناس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ «ئۈرۈمچى-قەشقەر خاتىرىلىرى» ناملىق تەتقىقات تېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مەزكۇر تېما ئۈستىدە ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئۇنىۋېرستېت ئاكادېمىكلىرى، مەمۇرىي خادىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.  

پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىكئوغلۇ دوتسېنت دوكتور ئىسمائىل دوغان بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىن يەكەنگىچە، يەنى تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، ئاقسۇ، ئاتۇش ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا قىلغان ساياھەت ھەمدە تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا توپلىغان مەلۇماتلىرى ۋە ھادىسىلەرنى، تارىخىي ئەسەرلەر، تەبىئىي قۇرۇلما، بىيوگرافىك قۇرۇلما، سانائەت تەرەققىيات ئەھۋالى، بازار سودا-سېتىقلىرى، جەمئىيەت ۋە مەدەنىي ھايات، تىل-ئەدەبىيات، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ تارتقان مول مەزمۇنلۇق فوتوگرافلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشەندۈرگەن.

يىغىن ئەكرەم ئارىكئوغلۇنىڭ ئىلمىي دوكلاتىدىن كېيىن، سوئال-جاۋاب شەكلىدە داۋام قىلغان. ئاخىرىدا، چاغداش تۈرك لەھچىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دوتسېنت دوكتور بۈلەنت بايرام پىروفېسسوت دوكتور ئەكرەم ئارىكئوغلۇغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ھەدىيە تەقدىم قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر