مارستا ئادەم بارمۇ؟

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) مارسقا ئەۋەتكەن «قىزىقىش» ناملىق ماشىنا ئادەم تارتقان فوتوگرافلارنى تەتقىق قىلغان ئامېرىكىلىقلار، تاشقى پىلانېتالىق بىر جەڭچىنى بايقىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

654260
مارستا ئادەم بارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق پارانورمال كرسبېل ئىسىملىك بىر كىشى 14-يانۋاردا بىر ۋىدېئونى ھەمبەھىرلەپ، «قىزىقىش» تارتقان قىيا تاشقا ئوخشايدىغان بىر جىسىمنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. پارانورمال كرسبېلنىڭ ۋىدېئوسىدىكى فوتوگرافنى چوڭايتىپ يېقىنلاشتۇرغاندا قىيا تاشقا ئوخشايدىغان جىسىمنىڭ بەزى كىنو فىلىملىرىدىكى تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

پارانورمال كرسبېل كومپىيۇتېردا فوتوگرافلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇ جىسىمنىڭ ساۋۇت كىيگەن ۋە قولىدا قورالى بار جەڭچىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. پارانورمال كرسبېل بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مارستا، پىرامىدا، باش سۆڭەكلىرى ۋە ھەيكەلگە ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى بايقىغانلىقى توغرىسىدا ۋىدېئو تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم تارقاتقان ۋىدېئوسى مۇنازىرە قوزغىدى. بەزى كىشىلەر: «بۇ بىر قىيا تاشنىڭ ئالدىدىكى كىچىك قىيا تاش بولۇشى مۇمكىن» دېسە؛ يەنە بەزى كىشىلەر: «تاشقى پىلانېتادا ئادەم بار دەپ قارايتتىم» دېدى.

بىراق، ناسا بۇ ھەقتە ھېچنىمە دېمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر