نۇرگۈل يېشىلچاي ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى
تۈركىيەلىك داڭلىق ئارتىس نۇرگۈل يېشىلچاي ئەرەبلەرنىڭ «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.
645020
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرگۈل يېشىلچاي، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىنىڭ بىرى بولغان دىيافا (خەلقئارا ئەرەب بايرىمى) دا «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن دۇبەيگە بارىدىغان نۇرگۈل يېشلچاي بۇ خەۋەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان فوتو – سۈرەتنى بىرلىكتە ئورتاقلاشقان نۇرگۈل، ئۇچۇرىنىڭ داۋامىغا «9- يانۋاردا ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن بارىمەن. ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىنى ئالغىلى كېلىمەن، دۇبەي سەن تەييارمۇ؟» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى
تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى .