ئۈچىنچى تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئورگىنىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى كۆزىتىدىغان ئۈچىنچى تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى Sentinel - 3A مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

434362
ئۈچىنچى تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئورگىنىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى كۆزىتىدىغان ئۈچىنچى تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى Sentinel - 3A مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئارھاڭگېلسك رايونىغا جايلاشقان پلېسېتسك ئالەم بوشلۇقى بازىسىدىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20.58 دە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە Sentinel-3A ناملىق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يەر يۈزىدىن 800 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوربېتىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېتىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، دېڭىز يۈزىنىڭ سۇ ئىسسىقلىق دەرىجىسى، رەڭگى، ئېگىزلىكى، مۇز قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى قاتارلىقلارنى ئۆلچەيدىغان سۈنئىي ھەمراھ يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئوكيانلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر