«ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەۋەرۈك تارىخىي تەتقىقاتنىڭ يېڭى تېمىسى»

مۇتەخەسسىسلەر كىچىك قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەڭلىكنى «ئىنسانىيەت ئېستېتىك تارىخىي تەتقىقاتىدىكى يېڭى تېما» دەپ قارىدى.

431233
«ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەۋەرۈك تارىخىي تەتقىقاتنىڭ يېڭى تېمىسى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىچىك مىرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەجدادلىرىغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن ئىككى گىرىم بۇيۇمى بايقىغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئارخېئولوگلار گىرىم بۇيۇملىرىنى بۇنىڭدىن 3600 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر ئايال قۇرۇق جەسەتنىڭ ساندۇقىدىن تاپقان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئايال جەسەت قولۋاق شەكىللىك تاۋۇتقا سېلىنىپ، ئەڭلىك، ياغاچ تاغاق قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بولۇپ، گىرىم بۇيۇمى بىر خۇرۇم سومكىدىن چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر