ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پېزېشكىيان غەلىبە قىلدى

ئىبراھىم رەئىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئىران خەلقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا بېلەت تاشلىدى.

2159951
ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پېزېشكىيان غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا مۇھاپىزىكار نامزات سەئىد جېلىلى بىلەن رىقابەتلەشكەن ئىسلاھاتچى نامزات مەسئۇد پېزېشكىياننىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراندا 62 مىليون سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئۈچۈن 59 مىڭ مەركەزدە بېلەت ساندۇقلىرى تەسىس قىلىندى.

چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئىران پۇقرالىرى ئۈچۈن 95 دۆلەتتە سايلام مەركەزلىرى قۇرۇلدى.

ئىراندا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 08.00 دە باشلانغان، ئەسلىدە سائەت 18.00 دە ئاخىرلىشىشى كېرەك بولسىمۇ ئەمما مۇددىتى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇزارتىلغان 14 – قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 24.00 كىچە داۋاملاشتى.

بېلەت ھېسابلاش جەريانىدىن كېيىن، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئىسلاھاتچى نامزات مەسئۇد پېزېشكىياننىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى % 49.8 بولغان، سايلامدا جەمئىي 30 مىليون 530 مىڭ 157  كىشى بېلەت تاشلىغان، پېزېشكىيان 16 مىليون 384 مىڭ 403 ئاۋازغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئومۇمىي ئاۋازنىڭ % 53.7 تىكە ئېرىشكەن.

مۇھاپىزىكار نامزات سەئىد جېلىلى بولسا ئومۇمىي ئاۋازنىڭ % 44.4 تىكە ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر