ئامېرىكادا 4 ساقچى ۋەزىپە ئۈستىدە ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي  كارولىنا ئىشتاتىدا ئىزدەش – ئاختۇرۇشقا بارغان ئۆيدە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچىلاردىن 4 ى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 ى يارىلاندى.

2133691
ئامېرىكادا 4 ساقچى ۋەزىپە ئۈستىدە ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شارلوت شەھىرىدە كەچقۇرۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن بىر ئۆينى ئاختۇرۇشقا بارغان ساقچىلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

شارلوت شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جوننىي جېننىڭسنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، بىر دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى تۇرۇۋاتقان ئۆينى ئاختۇرۇشقا بارغان ساقچىلارقوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇم جەريانىدا 4 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 ى يارىلانغان.

 ساقچىلارمۇ زوراۋانغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان، بۇ جەرياندا گۇماندارغا ئوق تېگىپ ئۆلگەن.

ۋەقەدىن كېيىن، كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشلەر باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر