بايدىن ھاماسقا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن مىسىر ۋە قاتار رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ھاماسنىڭ ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

2133712
بايدىن ھاماسقا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھاماسنىڭ ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت بايدىن سىسى ۋە ئالسانى بىلەن بىرلىكتە، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى جەريانىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدى، ھەمدە ئۇلارغا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ ھاماسنىڭ ئۈستەلدىكى تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا، غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كۆپلەپ كېلىدىغانلىقىنى؛ بۇنىڭغا جاۋابەن ھاماسنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىسىر ۋە قاتار رەھبەرلىرىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھاماسنىڭ ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

مىسىر بىلەن قاتارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە تەييارلانغان يېڭى ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپى، 26-ئاپرېل (2024) ھاماسقا يەتكۈزۈلگەن ئىدى. ھاماسنىڭ مەزكۇر تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىپ، پات ئارىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مىسىر تاراتقۇلىرى ھاماس ھەيئىتىنىڭ قاھىرەدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە مىسىرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپىگە يازما جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر