ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يەتمەي، لىۋانغىمۇ ھۇجۇم قىلماقتا

غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختاتمىغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، لىۋانغىمۇ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2132853
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يەتمەي، لىۋانغىمۇ ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىنت جۇبەيل رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 6 كىشى يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يەنە، ناباتىيە ۋىلايىتىگە قاراشلىق چەبا شەھىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا، رايوندىكى بەزى ئۆيلەر ۋە ئاپتوموبىللار ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئىككى نەپەر ھىزبۇللاھ ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھىزبۇللاھنىڭ ھۇجۇمغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا رايونىدىكى مېرون ئولتۇراق رايونىغا ئون نەچچە كاتيۇشا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايوندا ئەۋجىگە چىققان جىددىيچىلىك لىۋاننىڭ جەنۇبىدا يېڭى كۆچۈش دولقۇنى ياراتتى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن ناباتىيە ۋىلايىتىدىن ئونلىغان كىشى رايوننى تاشلاپ، بىخەتەر رايونلارغا كۆچتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر