ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى نېتانياھۇغا قارشى نامايىش قىلدى

غەززە رايونىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ غەربىي قۇددۇستىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

2131971
ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى نېتانياھۇغا قارشى نامايىش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹Yediot Ahronot› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇش كېلىشكە چاقىرغان.

نامايىشچىلار غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن دەرھال كېلىشىم تۈزۈلۈشى ۋە ۋە ئىسرائىلىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى كېلىشىمنى توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ  ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلار يەنە ئاشقۇن ئوڭچىل دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن - گۋىر بىر پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان يەھۇدىيلار سەنئەت مۇزېيى جايلاشقان بىنانىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى تارقىتىپ، بېن گۋىرنى رايوندىن يىراقلاشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر