ئامېرىكا پولشا بىلەن گوللاندىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پولشا ۋە گوللاندىيەگە ئىلغار تىپلىق رادىيەتسىيەگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (AARGM-ER) سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

2132027
ئامېرىكا پولشا بىلەن گوللاندىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پولشا ۋە گوللاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى ياۋروپا دۆلىتىگە كېڭەيتىلگەن  مەنزىلگە ئىگە ئىلغارت تىپتىكى رادىئاتسىيەگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پولشا 1 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق 360 دانە رادارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، گوللاندىيە بولسا، 700 مىليون دوللار قىممىتىدە 265 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەلەپ قىلغانىدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سېتىۋالماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ AGM-88 HARM تىپلىق رادارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇش شارائىتىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار نۇسخىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر