ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى ئىسرائىلىيەگە قورال ئېكسپورت قىلماسلىققا چاقىردى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئېكسپورتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

2132025
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى ئىسرائىلىيەگە قورال ئېكسپورت قىلماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دائىمىي ۋەكىللەر دەرىجىلىك جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 202 كۈندىن بۇيان ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  «MENA» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە، غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى) ۋە مەسجىدى ئەقسادىكى پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش مۇددىئاسىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان يېڭى بىر قىرغىنچىلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاگاھلاندۇرغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ <ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا رىئايە قىلىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مەزمۇن قىلغان ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 7-بابىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن يەنە بىر قېتىم قارار چىقىرىشى>نى تەلەپ قىلغان.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىشىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئېكسپورتىنى توختىتىشقا ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى14685 ى كىچىك بالا، 9760ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 34262 گە، يارىلانغانلار سانى 77229 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر