يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى

يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2131379
يامايكا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يامايكا دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى كامىنا جونسون سىمىت ئاخبارات ئېلان قىلىپ: «يامايكا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان (ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى) توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا بىردىنبىر ئىناۋەت كۈچىگە ئىگە تاللاش سۈپىتىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

جونسون سىمىت تۇنۇگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، پەلەستىننى دۆلەت سۈپىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارى ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە رايوندا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جونسون سىمىت، تەرەپلەرنى مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى.

باربادوس ھۆكۈمىتىمۇ 20 - ئاپرېلدا پەلەستىننى رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر