ئامېرىكادىكى  ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشتا 100 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى

بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قارشى نيۇيوركتا بىر كېڭەش پالاتاسى ئەزاسىنىڭ ئۆيى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

2131472
ئامېرىكادىكى  ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشتا 100 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشتا 100 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىسرائىلىيەگە مىلياردلىغان دوللارلىق ياردەم بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، يەھۇدىي پائالىيەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيەگە قارشى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى چۇك سچۇمېرنىڭ نيۇيوركتىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا توپلاندى.

«دەرھال ئۇرۇش توختىتىڭلار!» ۋە «ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىشنى توختىتىڭلار!» دەپ يېزىلغان مايكىلارنى كىيگەن نامايىشچىلار كېڭەش پالاتا ئەزاسى سچۇمېرنى ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا چاقىردى ۋە نيۇيورك كوچىلىرىنى قاتناشتىن توسۇپ قويدى.

نامايىشچىلار قاتناشنى ئېچىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن،  ساقچىلار 100 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى قولغا ئالدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەيۋەنگە 8 مىليار دوللارلىق، ئۇكرائىناغا 61 مىليارد دوللارلىق، ئىسرائىلىيەگە 26 مىليارد دوللارلىق جەمئىي 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم پىلانىنى تەستىقلاپ، ئاقسارايغا يوللىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر