ئامېرىكا-زامبىيە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى زامبىيە بىلەن يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2131397
ئامېرىكا-زامبىيە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، زامبىيەدە 22-ئاپرېل كۈنى باشلانغان ۋە 26-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – زامبىيە ھەربىي باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن زامبىيەدىن باشقا  ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن 40 قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغان يىغىندا، ئاكادېمىك رەھبەرلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەل قىلىش چارە - تەدبىرلىرى ھەققىدە  مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«<دۆلەت ھالقىغان مەسىلىلەرنى رايونغا خاس چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەل قىلىش> تېمىسىدىكى يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن زامبىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر