رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئامېرىكا ياردىمى كېلىشتىن ئىلگىرى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىدىغان بولدى

رۇسىيە فېدېراسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ترانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھۇجۇملارنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2131477
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئامېرىكا ياردىمى كېلىشتىن ئىلگىرى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇش تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (ISW) نىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئامېرىكانىڭ يېڭى قانۇن لايىھىسى بىلەن ئۇكرائىنانى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن تاشلىغان قەدىمىگە جاۋابەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىدىكەن.

ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شويگۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ «ترانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە» (زىيان سېلىشنى) ئالاھىدە تەكىتلىشىدىكى مەقسىتى قاتناش لىنىيەسى ۋە قورال ئامبارلىرىنى بىتچىت قىلىشنى كۆرسىتىدىكەن.

كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، رۇسىيە ئارمىيەسى ھۇجۇم ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا ياردىمى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەمەلىي ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشىدىكەن.

شويگۇ باياناتىدا، بۇ ھەرىكەتنىڭ چاسوۋ يار، ئاۋدېۋىكانىڭ غەربى قىسمى شۇنداقلا دونېتسىكنىڭ غەربى ۋە غەربىي جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

19 - ئاپرېلدا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ دنېپروپېتروۋىسكىي رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كۈچلۈك زەربە بەرگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ ئالاقە لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ تەكرارلىنىشى ۋە كېڭەيتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

 رۇسىيە فېدېراسىيەسى ھەربىي قوماندانلىق ئورگىنى ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ھالقىلىق رايونلىرىدىكى ھەربىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلىك ھالغا چۈشۈرۈش شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن تەڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۈچىيىىشنى كېچىكتۈرۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر