رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قولغا ئېلىندى

رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تىمۇر ئىۋانوۋ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

2131445
رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تىمۇر ئىۋانوۋنىڭ قولغا ئېلىنىشى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تىمۇر ئىۋانوۋ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. بۇ ھەقتە زۆرۈر تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.»

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ تىمۇر ئىۋانوۋنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھەقتە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىۋانوۋ 2016-يىلى مايدا پۇتىن ئىمزالىغان پەرمانغا ئاساسەن مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر