گىرېتسىيەنى ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنانى ئافرىقادىن كەلگەن ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى.

2131442
گىرېتسىيەنى ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنانى ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ، ھەمما ياقنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەتتى.

گىرېتسىيە كۆكرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاتموسفېرادىكى ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ - تۇزاڭلىرىنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بارلار ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

باياناتتا، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەردىن دالا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، دېرىزىلەرنى تاقىشى، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىشى تەلەپ قىلىندى، شۇنداقلا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردىن دوختۇرلىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر