چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىچ: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ۋەھشىيلىك»

چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىچ ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى «ۋەھشىيلىك» دەپ تەرىپلىدى.

2131413
چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىچ: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ۋەھشىيلىك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گابرىئېل بورىچ  ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا، ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئانىسى، دادىسى ۋە 4 ياشلىق ئاچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بوۋاق سابرىننىڭ ئىنكۇباتور (نەپەسلەندۈرگۈچ ماشىنىسى) ئىچىدىكى رەسىمىنى ھەمبەھىرلىدى.

چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىچ: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىدىن ئەجەپلىنىشنى ۋە غەزەپلىنىشنى توختاتمايلى! 34 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. ھەپتە ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئانىنىڭ قورسىقىدىن قىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك  چىقىرىلدى. ئەمدى ئۇرۇش توختىسۇن» دېدى.

گابرىئېل بورىچ كېيىن پىرېزىدېنتلىق سارىيى لا مونېدادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، غەززەدىكى قىرغىنچىلىق داۋاملاشىدىغانلا بولسا، ئىسرائىلىيەدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن تېل ئاۋىۋ باش ئەلچىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گابرىئېل بورىچ 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇملار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «ھاماس تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 7-ئۆكتەبىر قىلغانلىرى شۈبھىسىزكى ۋەھشىيلەرچە ئىدى، ئەمما پەلەستىن خەلقىنى بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە مەسئۇل تۇتۇشقا بولمايدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 20 - ئاپرېلدا رافاھقا قىلغان ھۇجۇمىدا، سابرىن بوۋاقنىڭ ئۆيى بومباردىمان قىلىنغان ۋە پۈتۈن بىر ئائىلە يوق قىلىنغان ئىدى.

چىلى پىرېزىدېنتى بورىچ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 1 - نويابىردا تېل ئاۋىۋ باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر