زېلېنىسكىي بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش قانۇن لايىھەسى تەستىقلانغاندىن كېيىن تەمىنلىنىدىغان تۇنجى مۇداپىئە بولىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

2131010
زېلېنىسكىي بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىننىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، قانۇنغا دەرھال ئىمزا قويىدىغانلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان زېلېنسكىي: «مەن جو بايدىننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تەۋرەنمەستىن قوللىشىدىن ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئورنىدىن مىننەتدارمەن» دېدى.

زېلېنسكىي بايدىنغا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا نەچچە مىڭ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە بومبا بىلەن قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش قانۇنى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى تەمىنلەيدىغان تۇنجى مۇداپىئە بولىقىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي، بايدىننىڭ بۇ بولاقنىڭ تېز ۋە كۈچلۈك بولىدىغانلىقى، ئايروپىلانغا قارشى تۇرۇش، ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللار ۋە زەمبىرەكچى قىسىملارنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر