ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 34183 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 200 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 32 ئادەم كۆپىيىپ، جەمئىي 34183 كە يەتتى.

2131004
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 34183 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 195 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا يەنە 32 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 59 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 34183 كە، يارىلانغانلار سانى 77143 كە يەتكەن.

باياناتتا، غەززەدە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 469 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر